نىكاھ مەسلىھەتچىلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە ، ئەر–خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدىكى بەزى مەخپىيەتلىكلەر تامامەن ئۇلارنىڭ شەخسىي ئىشى ياكى قىزىقىشى بولۇپ ، بىر–بىرىدىن سىر ساقلاشقا تامامەن ھوقۇقلۇق . ئەمما يەنە ھەر ئىكى تەرەپ ئەر–خوتۇنلۇق تۇرمۇشقا تەسىر يەتكۈزىدىغان بىرەر ئىش ھەرىكەتنى بىلىشكە ھوقۇقلۇق . مەسلەن، قەرز، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك ياكى ھېسيات تەرەپتىكى مەسىلىلەر، شۇنداقلا نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان مۇھىم تاللاش ، زىددىيەتلىك مەسلىلەر قاتارلىقلار.
مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاشقىمۇ ماھىر بولۇشىڭىز كېرەك . مۇبادا ئۇسۇل توغرا بولمىسا، ئەكىسچە ئۈنۈم بېرىپ قويىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر ئەر–خوتۇنلارنى كۆڭۈل سىرلىرىنى ئېيتىشقاندا تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ:
1. كۆڭۈل سىرلىرىنى توساتتىن ئاشكارىلاپ قارشى تەرەپنى چۆچۈتىۋېتىشكە بولمايدۇ. ئالدى بىلەن قارشى تەرەپكە ئەسكەرتىش بېرىش ، مۇۋاپىق پەيتتە كۆڭلىدىكىنى ئاستا–ئاستا ئېيتىش كېرەك.
2. كۆڭۈل سىرىنى ئاشكارىلايدىغان سورۇننى ياخشى تاللاش كېرەك. ياخشى، بىخەتەر، ئازادە، كۆڭۈللۈك جاي ياكى جىمجىت باغچە بولۇشى، ھەتتا بالىۋاقىلىرىمۇ بولماسلىقى كېرەك.
3. ئالدىن پۇختا تەييارلىق كۆرۈپ، كەچۈرۈم سوراشقا ئىدىيە جەھەتتىن تەييارلىق كۆرۈپ قويۇش كېرەك. ئالدى بىلەن سەمىمىي كەچۈرۈم سوراپ، ئاندىن قارشى تەرەپكە بۇ ئىشلارنى بۇرۇنلا ئېيتماقچى بولغانلىقىنى، ئەمما خىجىللىق ھېس قىلىپ ئېيتالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەندە، قارشى تەرەپنىڭ ئەپۇسىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.
4 . كۆڭۈل سىرىنى ئاشكارىلىغاندا، بەك ئىنچىكە ھالقىلارنى ئېيتىپ ئولتۇرماسلىق كېرەك. بولمىسا قارشى تەرەپنىڭ كاللىسىغا بەزى ئىشلار چوڭقۇر ئورناپ، ھېسياتقا تەسىر يېتىدۇ ، مۇھەببىتىگە دەز كېتىدۇ